مەن بۇ سۈرەتلەرنى يۇرتىمىزدىكى كىچىككىنە بىر كۇچىنىڭ ئۈن-تۈنسىز تەرەققىياتىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «ئايدا بىر سۈرەت» سەھىپىسى نامىدا ھوزۇرۇڭىزغا سۇندۇم، بەھوزۇر كۆرۈڭ. بەزى ئايلاردا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى رەسىم يوللىيالمىدىم. توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى سورايمەن! ھە راست، يازما مەزمۇنىنى تولۇق كۆرەي دىسىڭىز، يازما تىمىسىنى چېكىڭ. كۆرۈپ بولۇپ، قىممەتلىك پىكرىڭىزنى ئايىماڭ!

ياڭاق كۆچىتىنى بىخ ئۇلاق قىلىپ ئۇلاشتا چاسا شەكىللىك بىخ ئۇلاق ئۇسۇلى قوللۇنىلىدۇ. بۇنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇلاق تۈۋىنى بىر تەرەپ قىلىش: بەك زىچ ئارتۇق شاخلىرىنى ئېلىۋېتىپ، كۈچەتنى شەكىلگە كەلتۈرۈش كېرەك. دىئامىتىرى بىر سانتىمىتىردىن توم شاخنى قالدۇرۇپ، ئاساسى غولدىن 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان دائىرىدىن ئۇلاق ئورنىنى تاللاپ، ئاندىن يۇقۇرىسىدىن 4-5 يۇپۇرماق قالدۇرۇپ، …
مۇشۇ ئىچەرمەنلەرنى دەيمەن، بۇلار تازىمۇ قىززىق ئادەملەركەن دىسە.
تۆت-بەش ئىچەرمەن بىر يەرگە كېلىپ، ھاراق ئىچمەكچى بولۇپ، ھاراق ئىچىدىغان ئورۇننى تاللايدىكەن. ئۇيغۇر ئاشخانىسى، تۇڭگان ئاشخانىسى، خەنزۇ ئاشخانىسى ۋە مەيخانىنىڭ قايسىغا كىرىش توغرۇلۇق بولۇپمۇ ھالال-ھارام مەسىلىسىدە بىردەم تالاش-تارتىش قىلىشىدىكەن. مەيخانادا ھاراقتىن باشقا بىر نەرسە ئىچمىگەندىكىن، يىمىگەندىكىن ھالال-ھارام مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق، بىراق مەينەت، …
سامساقنىڭ رولى
سامساقنىڭ باكتىرىيىلەرگە قارشى تۇرۇش، باكتىرىيىلەرنى تۇرمۇزلاش رولى بولغاچقا ئۇزۇندىن بويان مال دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. سامساقنى يارىغا سىرىتتىن ئىشلەتسە، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ، يارا ئورنىنىڭ پۈتۈشى ۋە ئەت ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سامساقنى ئېزىپ سۈيىنى چارۋا-ماللارغا ئىچۈرسە، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. يەنە ئاشقازان، ئۈچەي ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرلىشىنى …
1. ئۇيقۇسىزلىقتىن بولغان چارچاشنى تۈگۈتۈدۇ.
ھەسەل تەركىبىدىكى فرۇكتوزا، گلۇكوزىنى بەدەن تىز سۆمۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قاندىكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى تىزلىكتە ياخشىلاپ، چارچاشنى تۈگۈتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەتىگەندە بىر ئىستىكان (پىيالە) ھەسەل سۈيى ئىچسە بولىدۇ.
2. ئوزۇقلىنىش كۆپ بولۇشتىن بولغان ھەزىم قىلىش قىيىنلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەسەل ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ نورمال ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش …
گالاستۇكنى بەك چىڭ چىگىۋەتكەندە بويۇن ئارتىريىسى ۋە نىرۋا تومۇرلىرى سىقىلىپ، قاننىڭ نورمال ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،مېڭىگە قان، ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، ئوزۇقلۇق بىلەن نورمال تەمىنلىنىش چەكلىمىگە ئۇچراپ، كۆرۈش نېرۋىسى ۋە كۆزنى ھەركەتلەندۈرگۈچى نېرۋىنى ھاردۇرۇپ، كۆز ئىششىشنى، كۆز تورلۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ كاتىپلىق خىزمىتى قىلىدىغان خادىملار بېشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا …
ئايدا بىر سۈرەت سەھىپىمىزنىڭ داۋامىغا داۋاملىق نەزىرىڭىزنى سالغايسىز.
«بىلىم» بۇ سۆز گەرچە كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە بۇ ئۇقۇم ئۆز مەنا دائىرىسىنى تولۇق تاپالمىدى. بىز «بىلىم كۈچ»، «بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز تۇزار»، «بىلىكى يۇغان بىرنى يېڭەر، بىلىمى يۇغان مىڭنى»، «تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ئىلىم پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقايلى»، «پەيغەمبىرىمىز بىلىم چىندا بولسىمۇ، بېرىپ بىلىم …
«نىمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن!» كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام ھەمىشە بۇ بىر جۈملە ماقال-تەمسىلنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيىتتى. مەن بۇنداق ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقىمىكىن، بۇ ماقال-تەمسىلنى «توغرا، نىمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن! بۇغداي تېرىساڭ بۇغداي ئالىسەن، قۇناق تېرىساڭ، قۇناق ئالىسەن!» دەپلا چۈشىنەتتىم. ئەمدى بىلدىمكى، ئۇ چاغلاردا بۇ ماقال-تەمسىلنى ھەقىقەتەنمۇ يۇزەكى چۈشۈنۈپ، بۇ بىر جۈملە ماقال-تەمسىلگە يىغىنچاقلانغان …
سىز ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ كومپىيوتىردا جىددى خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندىن كۆرە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىغاچ خىزمەت قىلىشنى خالاپ قالىسىز. بۇنداق ۋاقىتلاردا ناخشا-مۇزىكىنى قانچە يۇقىرى ئاۋازدا ئاڭلىسىڭىز دىققىتىڭىز شۇنچە مەركەزلىشىدۇ، ھەم خىزمەت ئۈنىمىڭىزمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز دىققەت قىلدىڭىزمىكىن:
ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىغاچ خىزمەت قىلسىڭىز كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن كۆرە، …
بىر، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز بېلىم ئاغرىيدىغان بولىۋالدى. ئاغرىغاندىمۇ شۇنداق قاتتىق ئاغرىدىكى ئولتۇرسام قوپالمايدىغان، قوپسام ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئېگىلەلمىگەچكە پايپىقىمنى ئايالىمنىڭ ياردىمىسىز كىيەلمەيتتىم، يەرگە بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە ئالالمايتتىم. ناۋادا بېلىم سۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنچىلىك ئاغرىماس ئىدى. بارمىغان دوختۇرخانا قالمىدى، بەل ئاغرىغىدىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بارا-بار بۆرىكىمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. …